汉语
بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى Tel : 40073 12345

بوغدىلقلار قوشماق تۇققانلىرى بىلەن باھاردا جەم بولدى


ئىللىق باھار شامىلى يۈزلەرنى سىيپاپ، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تەسىرىدە «ۋاقىتلىق توختىتىش كۇنۇپكىسى» بېسىلغان نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى.

 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ جىنتوۋ مال-مۈلۈك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتىدىكى تۇغقانلار بىرلىكتە يۇقۇمدىن كېيىنكى تۇنجى باھارنىڭ سېغىنىشلىق ھىسلىرىنى بىرلىكتە كۈتىۋالدى. كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان تۇغقانلار جەم بولۇپ، چېھرىگە كۈلكە يۈگۈردى. تۇققانلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھەرقايسى گۇرۇپپىلار بويىچە ئۆيلىرىدە، خىزمەت ئورۇنلىرىدا كۆرۈشۈپ يۇقۇم مەزگىلدىن كېيىن قايتا سالامەت ئۇچراشقانلىقى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، ئۆز-ئارا تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگەللەشتى،بۇ خۇشاللىنارلىق مەنزىرىنىڭ ھەربىرەيلەننىڭ ھەسسىلەپ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغانلىقىنى ھىس قىلىشتى.

رەسىمدە: جىنتوۋ مال-مۈلۈك شىركىتىدىكى تۇققانلار بوغدا دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، بىرىنچى سەپتە ئىشلەۋاتقان تۇققانلىرىدىن ھال سوراپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولدى.

«ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، دوستلۇق» رېشتىنى باغلايدىغان بۇ قېتىملىق تۇغقانلار زىيارىتى ئۇچرىشىشىدا كۆپچىلىك تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدى. چىن قەلب، ھەقىقىي ھېسسىيات يۇقۇمدىن كېيىنكى تۇنجى باھاردىكى تۇققانلار ئۇچرىشىشىدىن ھەربىرەيلەن ناھايىتى مەمنۇن بولغان ئىدى.  



Xinjiang BOGHDA Hospital


ئۈرۈمچى شەھىرى قارلىغاچلىق يۇلى 3-نۇمۇر (ئۈچتاش ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتى بىناسى)

بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى : 12345 40073

نەشىر ھوقۇقى : شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىغا تەۋە

Copyright ©216 Boghda Corporation, All Rights Reserved

新ICP备20000142号

div>