汉语
بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى Tel : 40073 12345

جىنسىي بەز ئىقتىدارى كېيىن چېكىنىش كېسەللىكىنى ئۇمۇميۈزلۈك داۋالاش

ئەلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارى كېيىن چېكىنىش (LOH)كېسەللىكى

   ئاياللارنىڭ كلىماكتىرىيە دەۋرى بولىدۇ، ئەرلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا بولىدۇ. ئەرلەر 50 ياشتىن ئاشقاندا، كۆپۈنچىسى كلىماكتىرىيە دەۋرىنى باشتىن كەچۈرىدۇ: جىنىسىي ھەۋىسى بولماسلىق، ئاسانلا ھېرىش، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، تۇرۇپلا قىززىغاندەك ھېس قىلىش، كۆپ تەرلەش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئىچى تىتىلداش... قاتارلىق ئالامەتلەر بىر قانچە يىل ھەمرا بولىدۇ.

ئەرلەرنىڭ كلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى يۇقارقى مەسىلىلەر، ئاساسلىقى بەدەندىكى ئەرلىك ھورموننىڭ ئازايغانلىقىدىن بولىدۇ ۋە بۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەدەن ۋە روھىي خاراكتىرلىك توسالغۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەرلەرنىڭ بۇ دەۋرىدە، جىنىسىي تۇرمۇش جەھەتتە نۇرغۇن باش ئاغرىقى بولىدۇ:

 بىرىنچىدىن: جىنىسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، بەزىدە ئايالىنىڭ جىنىسىي تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ.

ئىككىنچىدىن: جىنىسىي تىكلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، ئەتىگەنلىك تىكلىنىش قېتىم سانى ئازلايدۇ، ئۆزىنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ.

ئۈچىنچىدىن: جىنىسىي تۇرمۇش جەريانىدا روھى ۋە بەدەن كۈچىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ياش ۋاقتىغا ھەۋەس قىلىدۇ.

    ئەرلەر، كلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى يۇقارقى مەسىلىلەردىن بەك ئەندىشە قىلىپ كەتمەڭ، بوغدا دوختۇرخانىسى بۇ مەسىلىنى ئۆزىنىڭ كەسپىي قوشۇنى ۋە تەجرىبىلىرى بىلەن ياخشى ھەل قىلىدۇ. بوغدا دوختۇرخانىسى شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى، ئالدى بىلەن بۇ دەۋر بىر نورمال فىزىئولوگىيەلىك دەۋر، ھەر بىر مۇشۇ ياشقىچە ياشىيالىغان ئەركەكنىڭ بېشىغا كېلىدۇ، شۇڭلاشقا بەك جىددىيلىشىپ كەتمەسلىك، ئۆلچەملىك، كەسپىي دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىپ داۋالىنىش ۋە شۇنداقلا تۆۋەندكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش لازىم: بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بەدەن سۈپىتىنى ياخشىلاش، تىنچ ۋە ئۈمىدۋار كەيپىيات تىكلەش، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. يەنە، ئايالىنىڭ قوللۇشى ۋە چۈشىنىشى ناھايىتى مۇھىم، يەنى، ئادەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، جىنىسي مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن كۆپرەك سىلاش ۋە سۆيۈش قاتارلىق غىدىقلاشلارنى ئېلىپ بېرىشى، ئايالىنىڭ كۆپرەك ئېرىنى رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ماختىشى زۆرۈر.


Xinjiang BOGHDA Hospital


ئۈرۈمچى شەھىرى قارلىغاچلىق يۇلى 3-نۇمۇر (ئۈچتاش ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتى بىناسى)

بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى : 12345 40073

نەشىر ھوقۇقى : شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىغا تەۋە

Copyright ©216 Boghda Corporation, All Rights Reserved

新ICP备20000142号

div>