汉语
بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى Tel : 40073 12345

ئاياللاردىكى جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىنى داۋالاش

※ ئاياللاردىكى جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقى ھەققىدە

ئاياللاردىمۇ جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇسى بولىدۇ. سەۋەبى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىقى روھى-پسىخىكا ئامىلى ۋە جىسمىدىكى كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. جەمئىيىتىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ جىنسىيەت مەسىلىسىگە ئىلمىي قاراش ئېڭىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەسىلىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.

ئاياللار جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇسىغا ئۇچراشنىڭ ئالامەتلىرى:

خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە، ئاياللاردىكى جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇسىغا ئۇچىراش مۇنداق تۆت تۈرگە بۆلىندۇ:

1. جىنسىي سۇسلۇق: جىنسىي تۇرمۇشتىن بىزار بولۇش ۋە جىنسىي ئىنكاسى تۆۋەن بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى جىنسىي ئارزۇنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبىدىن روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

2. جىنسىي قوزغۇتۇش توسقۇنلىقى: دائىم يېتەرلىك بولغان جىنسىي ھاياجانغا ئىگە بولالماسلىق، ھەمدە روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

3. جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يېتەلمەسلىك: يېتەرلىك جىنسىي غىدىققا ئىگە بولغاندىن كېيىنمۇ جىنسىي يۇقىرى پەللىگە چىقالماسلىق، ۋاقتى كېچىكىپ كېتىش، شۇنىڭدىن روھىي ئازابقا قېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

4. جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئاغرىش: مۇناسىۋەت جەريانىدا جىنسىي ئەزا ۋە داس بوشلۇقى ئاغرىشنى كۆرسىتىدۇ، ھەتتا جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە ئامالسىز قالىدۇ.

دوختۇرخانىمىز نۆۋەتتە، يۇقارقى ئەمەلىي مەسىلىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، ئاياللاردىكى جىنسىي ئىقتىدار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشا، پىسخىكىلىق يېتەكلەش بىلەن ئورگانىزىمدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت سېستىمىلىق بولغان ئونىۋېرسال داۋالاش  ئۇسۇلىنى قوللىنىلىۋاتىدۇ.


Xinjiang BOGHDA Hospital


ئۈرۈمچى شەھىرى قارلىغاچلىق يۇلى 3-نۇمۇر (ئۈچتاش ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتى بىناسى)

بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى : 12345 40073

نەشىر ھوقۇقى : شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىغا تەۋە

Copyright ©216 Boghda Corporation, All Rights Reserved

新ICP备20000142号

div>