汉语
بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى Tel : 40073 12345

ئىلمى نەتىجىلەر

جوڭگو غەربىي دىيار ئەرلىكشۇناسلىق مۇنبىرى ---شىنجاڭنىڭ ئەرلىكشۇناسلىق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق سەھنىگە ئايلاندى

بوغدىلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان “جىنسىيەت پىسخىكىسىنىڭ ئۆزلىگىدىن كونتورول قىلىنىش نەزىرىيسى” جىنسىيەت ئىلىمىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ، ئەرلىك تىكلەنمەسلىككە قارشى ئىجادى داۋالاش تەرتىۋى كەسپداشلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا، بىمارلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى. بوغدىلىقلار ئىجاد قىلغان"ئەرلىك ئىقتىدارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەقلىدى ئۈسكىنىسى" مەملىكەتلىك ئەقىل مۈلۈك ئىدارىسى تەرىپىدىن  پاتىنىت ھوقۇقىغا ئېرىشتى ۋە داۋالاش جەريانىدا ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. "ئەركەكلىك سىرى"، "ئاياللىق سېھرى" نامىدىكى چاتما لېكسىيە بوغدا پىسخىك داۋالىشىنىڭ ئەڭ موھىم يادروسىغا ئايلىنىپ، ئەرلىك ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالغا ئايلاندى.

يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلدىغان جوڭگو غەربىي رايون ئەرلىكشۇناسلىق مۇنبىرى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى تەلەپ، يۇقىرى ئۈنۈم ئاساسىدا ئەڭ يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلارنىڭ كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئاساسىي مەقسەد قىلغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەرلىكشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ، كەسىپداشلار بىلەن بىرلىكتە رايونىمىزنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چوڭ سەھنىگە ئايلىنىش بىلەن بىرگە،  شىنجاڭدىكى ۋە مەملىكىتىمىز ئىچىدىكى مۇشۇ ساھەدىكى داڭدار مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىرلىكتە ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇشى،  شىنجاڭدىكى ئەرلەر بۆلۈم دوختۇرلىرىنىڭ داۋالاش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، رايونىمىز ئەرلىكشۇناسلىق يۆنىلىشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتە ئىنتايىن تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.

شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان:

تۇنجى قىېتىملىق خەلقئارالىق جىنسىيەت پىسىخىكىسى ۋە جىنسىيەتنى داۋلاش مۇھاكىمە مۇنبىرى؛

تۇنجى قېتىلىق جوڭگو غەربىي رايون ئەرلىكشۇناسلىق مۇنبىرى ۋە ئىككى قىرغاق ئەرلەر ساغلاملىقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى؛

جىنسىيەتكە ئائىت ئاتالغۇلارنى ئانا تىلدا قېلىپلاشتۇرۇش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى:

قاتارلىق خەلقئارالىق ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ ئەرلىكىشۇناسلىق ئىلىمىي تەتقىقاتىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىدا بىر ئىلگىرلەش نۇقتىسى بولۇش بىلەن بىرگە يۇقىرى قاتلاملىق ئۆگىنىش سەھنىسىگە ئايلاندى.

بوغدىلىقلار يازغان ئەرلىكشۇناسلىق ۋە دوختۇرخانا باشقۇرۇشقا ئائىت 3كىتاپ نوپۇزلۇق مەتبۇئات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، كەسىپداشلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. 35پارچىگە يېقىن ئىلمىي ماقالىلىرى نوپۇزلۇق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى.

Xinjiang BOGHDA Hospital


ئۈرۈمچى شەھىرى قارلىغاچلىق يۇلى 3-نۇمۇر (ئۈچتاش ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتى بىناسى)

بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى : 12345 40073

نەشىر ھوقۇقى : شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىغا تەۋە

Copyright ©216 Boghda Corporation, All Rights Reserved

新ICP备20000142号

div>