汉语
بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى Tel : 40073 12345

ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىنى ئومۇميۈزلۈك داۋالاش

※ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

 

※ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئەرلىك ئىقتىدار ئاجىزلىق كېسەللىكى بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ نۇقتىلىق داۋالاش تۈرى. ئەرلەرنىڭ نورمال جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىسى جىنىسي ھەۋەس، يەنى جىنسقا قارىتا بىر خىل تەلەپ ۋە ئىنتىلىش؛ ئىككىنچىسى تىكلىنىش، يەنى زەكەرنىڭ نورمال تىكلىنىشى ۋە بەلگىلىك قاتتىقلىققا كېلىشى؛ ئۈچۈنچىسى ئىسپېرما چىقىرىش ۋە جىنىسي يۇقىرى پەللىگە يېتەلەش. بۇ ئۈچ تەرەپتىن قانداق بىر ھالقىدا مەسىلە كۆرۈلسە، جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش دەيمىز ۋە تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە ئاتايمىز: جىنسىي ھەۋىسى توسالغۇغا ئۇچراش (ھەۋىسى تۆۋەنلەش، ھەۋىسى ئېشىپ كېتىش)، تىكلىنىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش(ED)، ئىسپېرما چىقىرىشى توسالغۇغا ئۇچراش (مەسىلەن، ئىسپېرما بالدۇر كېتىش، ئىسپېرما چىقىرالماسلىق، تەتۈر ئىسپېرما چىقىرىش قاتارلىق). ئەلۋەتتە يەنە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان تۈرلەردىن زەكەرنىڭ بىنورمال تىكلىنىشى ۋە جىنسىي قورقۇش بار.

ئەگەر سىزدە جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچراش مەسىلىسى كۆرۈلسە، توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. ئالدى بىلەن، بەك جىددىيلىشىپ كېتىشكە بولمايدۇ، بىلىشىمىز كېرەككى، بىر قېتىلىق جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولماسلىقىغا قاراپلا جىنىسي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكى دەپ دىئاگنوز قويۇشقا بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، دوختۇرخانىمىز بۇ جەھەتتە مۇكەممەل شارائىتقا ئىگە. دوختۇرخانىمىز نۆۋەتتە، يۇقارقى ئەمەلىي مەسىلىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، جىنسىي ئىقتىدار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، پىسخىكىلىق يېتەكلەش بىلەن ئورگانىزىمدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت سېستىمىلىق بولغان ئۇنىۋېرسال  داۋالاش  ئۇسۇلىنى قوللىنىلىۋاتىدۇ. داۋالاش ئۈنۈمى ئىزچىل كۆرۈنەرلىك  بولماقتا.

بىر قىسىم كىشىلەر جىنسىيەتكە قارىتا چۈشەنچىسىنىڭ كەمچىللىكى، ئىلمىي ساۋاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۆزىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولسىمۇ باشقىلاردىن يوشۇرىدۇ، باشقىلارغا دېيىشتىن ئەيمىنىدۇ . ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىغانلىقتىن ئۆزىدىكى روھى بېسىم كۈچۈيۈپ، ئەسلىدە يوق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ، يېنىك-ئاسانلا ساقىيىدىغان كېسەللىك  «جاھىللىشىدۇ». بەزىلەر ئۆزىدە كېسەللىك بولمىسىمۇ، «كېسىلىم ئېغىر» دەپ ئازاپلىنىدۇ ۋە چۈشكۈنلىشىدۇ. گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن جۈپلەر، ھەتتا  ھەر خىل بانا سەۋەپلەرنى تېپىپ ئاجرىشىپمۇ كېتىدۇ.

جىنسىيەت ئادەمنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجى، ساغلاملىقنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچىسى، ئىناق ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، شۇڭلاشقا ۋاقتىدا دوختۇرغا  كۆرۈنۈشى كېرەك.



Xinjiang BOGHDA Hospital


ئۈرۈمچى شەھىرى قارلىغاچلىق يۇلى 3-نۇمۇر (ئۈچتاش ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتى بىناسى)

بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى : 12345 40073

نەشىر ھوقۇقى : شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىغا تەۋە

Copyright ©216 Boghda Corporation, All Rights Reserved

新ICP备20000142号

div>