汉语
بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى Tel : 40073 12345

غەمخورلۇق ۋە مىننەتدارلىق--بوغدىدىكى يېڭىلىقلار

يوللىغۇچى : يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-11 16:11:48

    يېقىندا ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتىتېتى تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىس گۇرۇپپىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋە شەھەرلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتىتېتى رەھبەرلىرى خوتەن بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈش جەريانىدا بولۇپمۇ، خوتەن بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ ئوپېراتسىيەئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تېخنىكا ئالاھىدىلىكى، مۇھىت تازلىقى، بىمارلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى ھەم مۇلازىمەتتىكى ئالاھىدىلىكى قاتارلىق تەرەپلەرگە يۇقىرى باھالارنى بەردى.

2016 – يىلى خوتەن بوغدا دوختۇرخانىسىمۇ ئۆزتەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋېلىپ، 30 مىليون يۈەن مەبلەغ بىلەن پۈتكەن، كۆلىمى 11 مىڭ 541 كۋدرات مېتر كېلىدىغان، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى سەپلەنگەن، 14 قەۋەتلىك زامانىۋىي دوختۇرخانا بىناسىغا كۆچۈپ كىردى.ئازادە، پاكىز ياتاق، زال – ئىشخانىلار، زامانىۋىي داۋالاش ئۈسكىنىلىرى، كەسپچان،مەسئۇلىيەتچان تىببىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى كۆز ئالدىمىزدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەۋاتقان خوتەن بوغدا دوختۇرخانىسىنى نامايان قىلدى. بۇقېىملىق خىزمەتلەرنى تەپتىش قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بوغدىلىقلارنىڭ " يېڭىچە قىياپەت، يېڭىچە مۇلازىمەت"ستراتېگىيىسىنى يۇقىرى داۋالاش ئۈنۈمى ، ئەلا مۇلازىمەت ۋە تىببىي بىخەتەرلىك بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ،  داۋالاش مۇھىتى، مۇلازىمەت سۈپىتى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

ئەڭ يىڭى يوللانغىنى



ئۈرۈمچى شەھىرى قارلىغاچلىق يۇلى 3-نۇمۇر (ئۈچتاش ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتى بىناسى)

بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى : 12345 40073

نەشىر ھوقۇقى : شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىغا تەۋە

Copyright ©216 Boghda Corporation, All Rights Reserved

新ICP备20000142号

div>