汉语
بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى Tel : 40073 12345

ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، 2018-يىلى داۋاملىق ئىلگىرلەيمىز

يوللىغۇچى : يوللانغان ۋاقىت : 2018-03-19 12:03:54

 

  2018-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى باش ئورگان يىغىن زالىدا بوغدا دوختۇرخانىسى 2017-يىللىق پارتىيە ياچېيكا خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، يەكەن قاتارلىق دوختۇرخانىلىرىدا يىراقتىن كونتىروللىغۇچ ۋىدىئو تېلېۋىزىيە يىغىنى سېستىمىسى ئارقىلىق بىر ۋاقىتتا  ئېلىپ بېرىلدى. باش مەيدان ئۈرۈمچى بوغدا دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، بارلىق خادىملار، ئاخبارات خادىملىرى بولۇپ جەمئىي 200گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

دۆلەت شېئىرىنىڭ جاراڭلىق ساداسى بىلەن يىغىن باشلاندى.

201803191243482561.jpg

  شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ئالىمجان ھاشىم يىغىن ئەھلىگە شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 2017-يىلىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى. ئۆتكەن بىريىلدا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ توغرا رەھبەرلىگى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن:

1. پۈتكۈل بوغدا سېستىمىسى بويىچە»ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىگە قاتتىق زەربە بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق چوڭ ئائىلىسىنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ قەدىرلەش، مۇقىملىق ئۈچۈن ئاداققىچە كۆرەش قىلىش «ئىنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە بارلىق خادىملارنىڭ بۈگۈنىمىزنى قەدىرلەپ، زىچ ئىتتىپاقلىشىپ»، «ئۈچ خىل كۈچلەر»گە قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، ئىناق، تىنىچ، خاتېرجەم بولغان شىنجاڭ قۇرۇشقا بىركىشلىك تۆھپە قوشۇش ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.  

2. بوغدىدىكى بارلىق خادىملارنى ھەرھەپتىدە بىر كۈن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۇرۈش، خاتىرە قالدۇرۇش، تەسىرات يېزىش، ئۆز خىزمىتى بىلەن قانداق بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدا ھەرىكەتلەندۈرۈپلا قالماستىن، ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈش، ئۆگۈنۈش بويىچە مەخسۇس تەربىيلەش ئېلىپ بارغان.

3. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن باشلاپ، دوختۇرخانىدىكى ھەر مىللەت خادىملار بىر تۇققان قېرىنداشلاردەك زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، خىزمەتتىكى ماسلىشىشچانلىق ۋە خىزمەت ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشتى، دوختۇرخانا ئىچىدە ئۆز-ئارا ۋە دوختۇرخانا سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن تۇققانلىشىش ياخشى ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، جەمئىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتىلدى. پائالىيەتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلغان «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پائالىيەت باشلىنىشى بىلەن ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، تۇغقانلار رىشتىنى چىڭىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تېخىمۇ كۈچ قوشقان.

يىغىن كۈن تەرتىۋى بويىچە 2017-يىللىق «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر شەخس»، ئېنىق پوزېتسىيە بىلدۈرۈشتىكى مۇنەۋۋەر شەخس «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر كوللىكتىپ ۋە 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش تەشۋىق قىلىشتىكى مۇنەۋۋەر كوللىكتىپ» قاتارلىقلارنى تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.


  يىغىن ئاخىرىدا شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ باش دوختۇرخانا باشلىقى ھەمراجان مەمەتئېلى يىغىننى خۇلاسىلەپ مۇنداق دەيدۇ:

 ياخشى ئىدىيىۋى ھالىتىمىز ۋە يىپيېڭى روھىي قىياپىتىمىز بىلەن دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدا كۆرسىتىلگەن مۇھىم يۆنىلىشنى بويلاپ، كۈچىنى ھازىرقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، 2018-يىلى ياخشى روھىي قىياپەت ۋە ئەلا خىزمەت نەتىجىلىرىمىز بىلەن، داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، سەھىيە، ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، پۇختا قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلۇغۋار نىشانىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشىمىز. 

 ئاخىرىدا ھەممە بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇپ يىغىننى غەلبىلىك تاماملىدى.


تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

ئەڭ يىڭى يوللانغىنى



ئۈرۈمچى شەھىرى قارلىغاچلىق يۇلى 3-نۇمۇر (ئۈچتاش ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتى بىناسى)

بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى : 12345 40073

نەشىر ھوقۇقى : شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىغا تەۋە

Copyright ©216 Boghda Corporation, All Rights Reserved

新ICP备20000142号

div>