汉语
بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى Tel : 40073 12345

ئاياللار ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشتە بىز ئالدىنقى سەپتە ھەرىكەتتە

يوللىغۇچى : يوللانغان ۋاقىت : 2018-05-02 12:43:23

    قەشقەربوغدا دوختۇرخانىسى 2018-يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى ۋە 4-ئاينىڭ 8- كۈنى ئاياللاربۆلۈم مۇدىرى سەييارە دوختۇرنىڭ باشلامچىلىقىدا قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا سودا بازىرىيەنى)يېڭى بازار(  دا≪ئاياللار ساغلاملىقى ۋە كۆپىيىش ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھەقسىز مەسلەھەت بېرىش≫پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ، مىڭدىن ئارتۇق ئاياللارغا ساغلاملىق، مۇلازىمەت، ئىللىقلىق تەقدىم قىلدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەت ≪خۇشچىراي دىلغا راھەت، دىلنى باغلار سالام-سەھەت≫تەك كارخانا مەدەنىيىتى روھىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئاياللارنىڭ قەشقەر بوغدا دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ساغلاملىق بىلىملىرىگە ئىگە بولۇشىغا زور پايدىسى بولدى.


پائالىيەت جەريانىدا ھەربىر ئايالغا 100يۈەن قىممىتىدىكى ھەقسىز ساغلاملىق تەكشۈرۈش كارتىسى سوۋغا قىلىنغاندىن باشقا، ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش، دائىم ئۇچىرايدىغان ئاياللاركېسەللىكلىرى ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ۋاقتىدا بايقاش، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسلىلەرگە قارىتا ئاياللار بۆلۈم مۇدىرى سەييارە دوختۇر ئۆزى باش بولۇپ، مەخسۇس مەسلىھەت بەردى، ئاياللار بىلەن ئۆز تۇققانلىرىدەك مۇڭداشتى، ئاياللىق سېھرى كۈچىنى يوقىتىپ قويماسلىق، ئۆزىگە ئىشىنىش توغرىسىدا ئىلھام، مەدەتلەرنى بەردى. بۇ ئىككى قېتىملىق پائالىيەتتە ھەقسىز ساغلاملىق كارتىسىدىن 2مىڭدىن ئارتۇق خانىم-قىزلار مەنپەئەتلەنگەن بولۇپ، 1200دىن ئارتۇق ھەقسىزمەسلىھەت بېرىلگەن.

    بوغدانىڭ بۇ ئالاھىدە مۇلازىمەت، ئېتىبارئېمتىيازلىرى  پائالىيەتكە قاتناشقان ھەربىر ئاياللارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك سوۋغىسى بولۇپ، ھەقسىز ساغلاملىق تەكشۈرتۈش سوۋغىسىدىن  ھەممەيلەن خوشال بولدى ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، «بوغدا»نىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇقلار، تىلەكلەرنى تىلەشتى.

  قەشقەر بوغدا دوختۇرخانىسى دوختۇرخانا باشلىقى ئەكرەم قاسىمدىن ئىگللىشىمىزچە: قەشقەر بوغدا دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمى دوختۇرخانىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، بۇ يىل 10-ئايغىچە <<ئاياللار ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھەقسىز ساغلاملىق كارتىسى بىلەن تەمىنلەش، ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش>>تەك بۇ جامائەت پاراۋانلىق پائالىيىتىنى كۆپلەپ قانات يايدۇرۇپ، ساغلاملىق بىلىملىرى، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاياللار ئارىسىغا يەتكۈزۈش پىلانغا ئېلىنغان. 

:قەشقەر بوغدا دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمى داۋالاش دائىرىسى

◆ ئاياللاردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىقنى ئۈنۈملۈك داۋالاش؛

 ئاياللاردىكى ھېيىز نورمالسىزلىق ، تۇخۇمدان ئاجىزلاش مەسىلىرىنى مەخسۇس داۋالاش؛

◆ بالىياتقۇ موسكۇل ئۆسمىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىش(بولۇپمۇ بالىياتقۇنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆسمىنى ئېلىش ئوپېراتسىيىسى قىلىشتا مول تەجرىبىگە ئىگە)؛

◆ تۇرۇبا يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى نەيچە سېلىش ياكى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئېچىش؛

◆ بالىياتقۇ ئورنى تۆۋەنلەپ كېتىش، تۇغۇت يولىنىڭ زەخمىلىنىشىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛

◆ ئاياللار كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ مۇرەككەپ يۇقۇملىنىشىنى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىش؛

◆ئاياللاردىكى ھەرخىل سەۋەبلەردىن بولغان جىنسىي سۇسلۇق، ئىقتىدار ئاجىزلىقى ۋە توسالغۇسىى قاتارلىق مەسلىلەرگە قارىتا مەخسۇس داۋالاش؛

◆داس بوشلىقى ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، جىنسىي يول ياللۇغى كېسەللىكلىرنى مەخسۇس داۋالاش؛

قەشقەر بوغدا دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈم مۇدىرى سەييارە دوختۇر قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى


سەييارە سايىم قەشقەر بوغدا دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈم مۇدىرى،  مۇدىر ۋراچ، 1986-يىلى شىخەنزە تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتېتىنى پۈتتۈرگەن، بېيجىڭ شەھەرلىك شيېخې دوختۇرخانىسى، تىيەنجىن شەھەرلىك مەركىزى تۇغۇت دوختۇرخانىسى ھەمدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇڭشەن تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىسىدا بىلىم ئاشۇرۇپ، ئىچكىرىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكىنى قۇبۇل قىلغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش: ئاياللار بۆلۈمى مۇتەخەسسىسىمىزدىن مەسلىھەت ئېلىش، ياكى داۋالىنىشقا كەلمەكچە بولغان خانىم- قىزلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ، ئالدىن كېلىشىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

ئالدىن كېلىشىش تېلېفونى: 0998-2894015

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

ئەڭ يىڭى يوللانغىنى



ئۈرۈمچى شەھىرى قارلىغاچلىق يۇلى 3-نۇمۇر (ئۈچتاش ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتى بىناسى)

بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى : 12345 40073

نەشىر ھوقۇقى : شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىغا تەۋە

Copyright ©216 Boghda Corporation, All Rights Reserved

新ICP备20000142号

div>