汉语
بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى Tel : 2850555

مېھىرلىك كۆڭۈللەردىن چاقنىغان نۇر يېڭى ئۆستەڭ كەنتىدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى يورۇتتى

يوللىغۇچى : يوللانغان ۋاقىت : 2018-05-02 12:55:05

خۇشاللىق ياشلىرى ئاقتى تاراملاپ،

مىسكىنلەر كۈلگەندە سىزلەرگە قاراپ.

ئەي ئۇلۇغ مۇھەببەت، ئەي ئۇلۇغ ئىنسان،

ئىسسىتتىڭ دىللارنى سەن بولۇپ ئاپتاپ.

      2018-يىلى4-ئاينىڭ10-كۈنى گۇما ناھىيە مۇكويلا يېزا يېڭى ئۆستەڭ كەنتىدە "  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلەكىشىلىرىدىن بولايلى! " تېمىسىدىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەت ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلىنىپ، كۆڭۈللەرنى سۆيۈندۈرىدىغان كۆرۈنۈشلەر ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىگە مۆھۈردەك ئويۇلۇپ كەتتى. 

بۇ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى خوتەن بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرۇشى  ، شۇ يېزىغا ئۈچ ئەل خىزمىتىگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن   تەشكىللەنگەن بولۇپ، خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل- ئەدەبىيات پەنلىرى دوتسېنتى، دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى گۈلنارمەتنىياز خانىم، شىنجاڭ ئون يۈئەن مېھرىبانلىق فوندى خوتەن پىدائىيلار ئەتىرىتىنىڭ مەسئۇلى، خوتەن ۋىلايەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئابدىخەبەر ئابلەت ئەپەندى، خوتەن شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ كادىرى، خوتەن شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈم لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ تەشۋىقاتچىسى مۆتىۋەر ئابدۇللا قاتارلىق يىگىرمىگە يېقىن پىدائىي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشتى.بۇ قېتىملىقپائالىيەت ئەھمىيەتلىك بولغان، كۆڭۈل رېشتىسىنى بىر-بىرىگە باغلىغان،  مېھىر-مۇھەببەت ئۇرۇقى چېچىلغان پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پائالىيەتتە شۇ كەنتتىكى يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۇماق باللىرىمىزنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ ئاتا -ئانىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئايال  ئوقۇتقۇچىلارغا كۆيۈنۈش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە يېزىغا ئۈچ ئەل خىزمىتىگە چۈشكەن كادىرلاردىن  ھال سوراشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ھەر قەلىبنىڭ ساداسى قىممىتىنى تاپتى.

 شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى خوتەن تارمىقىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى مەمەتجان ئەرەم ئەپەندى سۆزىدە ھەرمىللەت خەلقىگە پارتىيىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش، نامىراتلىقتىن قۇتۇلۇش خىزمىتىدە بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭمۇ باشتارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ بارلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پارتىيىنىڭ مېھرى - شەپقىتىنى يەتكۈزۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش خىزمىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ۋە دوختۇرخانىمىزنىڭ خوتەن ۋېلايىتى تەۋەسىدىكى يەتتە ناھىيە بىر شەھەردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بىۋاستە بەھرىلىنەلەيدىغانلىقىنى، يىڭى ئۆستەڭ خەلقىنىڭ دوختۇرخانىمىزغا داۋالىنىش ئۈچۈن كەلسە ئامبولاتۇرىيە تەكشۈرۈشلىرىنى ھەقسىز قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى دىگەندە ئالقىش ساداسى ياڭراپ كەتتى.

 ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە 10000 يۈئەن قىممىتىدىكى ئوقۇش قۇراللىرى، كىيىم - كېچەك، سۇ ماي، ئايال ئوقۇتقۇچىلارغا گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق ماددى بۇيۇملار نەق مەيداندا  تارقىتىلىپ، مېھرىگە مۇھتاج قەلىبلەرگە مېھىر يەتكۈزۈلدى. مېھىرلىك يۈرەكلەردىن چىققان، ئىللىق قوللاردىن سۇنۇلغان بۇ مۇھەببەتتىنتەسكىن تاپقان قەلىپلەر بۇ مېھرىبانلاردىن سۆيۈنۈپ، كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىشتى. 

بۇ ماددى بۇيۇملاردىن 78 نەپەر يەسلى ئوقۇغۇچىسى،50 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، 48نەپەر دېھقان ئاممىسى،36 نەپەرئوقۇتقۇچى بەھىرلەندى.

مېھىر-مۇھەببەت مۇھتاجلارغا بارگەنگە تۈگەپ قالمايدۇ. ئەكسىچە، كۆپىيىپ بارىدۇ . مېھىر بەرگۈچىلەر ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن ئەتىراپىدىكىلەرگە مېھرىبانلىقنى ئۆگىتىدۇ. مېھىر بىرىشنى ئۆگىتىدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىن پىدائىيلىق رولىمىزنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ياردەمگە مۇھتاجلارغا قىزغىن ياردەم بېرىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھەر مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، كۆپ تەرەپ قاراپ تۇرماي ياردەم بېرىشتەك ئېسىل خىسلىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدە نامايان قىلىمىز.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

ئەڭ يىڭى يوللانغىنى



ئۈرۈمچى شەھىرى قارلىغاچلىق يۇلى 3-نۇمۇر (ئۈچتاش ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتى بىناسى)

بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى : 2850555

نەشىر ھوقۇقى : شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىغا تەۋە

Copyright ©216 Boghda Corporation, All Rights Reserved

新ICP备20000142号-1 新公网安备 65010202001185号