汉语
بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى Tel : 40073 12345

تۇغقانلار جەم بولۇپ كۆڭۈللەر شادلىققا تولدى، رىشتىمىز چىڭ باغلاندى

يوللىغۇچى : يوللانغان ۋاقىت : 2018-05-30 11:15:08

201805301106201766.jpg

5-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ،شىنجاڭ جىنتوۋ مال-مۈلۈك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتىدىكى24جۈپ قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ،بىرلىكتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، كونا،يېڭى تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ، ئۆز-ئارا ھال-مۇڭ ئېيتىشىپ، ئائىلە ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار بولۇشتى، ئۆز-ئارا خاتىرە رەسىمگە چۈشتى، بۇ ئائىلىۋى زىياپەتتىن ھوزۇرلىنىپ، خۇشال-خۇرام كەيپىياتتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىسىنى  تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»تىن ئىبارەت دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭراتتى. 

201805301106213660.jpg

پائالىيەت شىنجاڭ جىنتوۋ مال-مۈلۈك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتىدىكى جۇيۆنىڭ رىياسەتچىلىكى بىلەن باشلىنىپ، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى پارتىيە ياچېيكا شۈجىسى ئالىمجان ھاشىم مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە ئۇيۇشقاندىلا، ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆز-ئارا ئۆگىنىش، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىشنى بىر خىل مەدەنىي ئادەتكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، شۇنداقلا بىز ئۆز-ئارا ھەمدەمدە بولۇش، ياردەم قىلىشتەك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختلاشقا بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشىشىمىز كېرەك. 

201805301106201270.jpg

پائالىيەتتە،يەنە 3-تۈركۈمدىكى يېڭىدىن ئۈچ جۈپ تۇغقانلار ئۆز-ئارا قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپ، بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇپ، ھاياجانلىق ھىس-تۇيغۇلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ھەممەيلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىق، ماسلىشىشچانلىق تەلەپ قىلىنغان مۇكاپاتلىق ئويۇنلارنى بىرلىكتە ئويناپ، خوشاللىقتىن كۈلكە ئاۋازلىرى ئۈزۈلمىدى، بۇ پائالىيەتلەر كۆپچىلىككە تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇردى.

201805301106205659.jpg

خادىملار ئۆزلىرى تەييارلىغان شوخ گىتتار، تەمبۇر بىلەن ئورۇنلانغان مۇزىكا،لەرزان ئۇسسۇللار پائالىيەتنى باشقىچە ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ، كوللىكتىپ مەشرەپ ئۇسۇلىدا ھەممە بىرلىكتە ئوتتۇرغا چۈشۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قويۇق كەيپىياتى يارىتىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى نامايان قىلدى، ھەممەيلەن ئازادە ۋە خۇشال كەيپىياتتا قېرىنداشلىق مېھرىنى ئىزھار قىلىشتى.

بوغدا دوختۇرخانىسى دوختۇرى ئابابەكرى ھەسەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دىدى: تۇغقانلار قانچە كۆپ ئىزدەشسە شۇنچە يېقىن بولىدۇ، دوستلار قانچە كۆپ جەم بولسا دوستلۇقى شۇنچە قۇيۇقلىشىدۇ. بۈگۈن بىز تۇغقانلار بىلەن بىرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردۇق، ئۇلار بىلەن كەڭ كۇشادە پاراڭلاشتۇق، بىرئائىلە كىشلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم جەم بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

ئەڭ يىڭى يوللانغىنى



ئۈرۈمچى شەھىرى قارلىغاچلىق يۇلى 3-نۇمۇر (ئۈچتاش ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتى بىناسى)

بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى : 12345 40073

نەشىر ھوقۇقى : شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىغا تەۋە

Copyright ©216 Boghda Corporation, All Rights Reserved

新ICP备20000142号

div>