汉语
بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى Tel : 40073 12345

بوغدادىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلار چاغاننى خوشال-خورام كۈتىۋالدى

يوللىغۇچى : يوللانغان ۋاقىت : 2019-02-15 16:06:20

201902141900563046.jpg

    جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ بايرام خوشاللىقىغا بىرلىكتە جۆر بولۇشتى. 

    1-ئاينىڭ25-كۈنى، شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ جىنتوۋمال-مۈلۈك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن«دادىل ئوتتۇرغا چىقىپ  ئېنىق پوزېتسىيە بىلدۈرۈش، چاغاننى بىرلىكتە كۈتىۋېلىش»مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىرئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 50 قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە پوزېتسىيە بىلدۈرۈپ، بىرلىكتە قەسەم بېرىپ، بىرلىكتە تۈگۈر تۈگۈپ، ئىتتىپاقلىق قۇيۇق دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايرامنى خوشال-خورام تەبرىكلىدى.

پائالىيەت كۈن تەرتىۋى بويىچە شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى بىلەن شىنجاڭ جىنتوۋ مال-مۈلۈك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتىدىن  خادىملار ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم پوزىتسىيە بىلدۈردى.

201902151326037668.jpg

 شىنجاڭ جىنتوۋ مال-مۈلۈك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتى مۇئاۋىن لىدىرى گاۋيۈننىڭ باشلامچىلىقىدا ھەممەيلەن بىرلىكتە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ قەسەم بەردى.

201902141904171291.jpg

پائالىيەتتە، تۇغقانلار بىرلىكتە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ تۈگۈر تۈگۈش مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى، ھەممەيلەن باشقىچەقاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، تۇغقانلار بىر-بىرسىگە بىرتەرەپتىن تۈگۈشنى ئۆگەتكەچ، يەنەبىر تەرەپتىن جىددىي تۈگۈشكە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، بەزەنلەرنىڭ تۇنجى قېتىم تۈگۈرتۈگىشى بولۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆگىنۋاتاتتى. تۈگۈرنى ئەڭ كۆپ، ئەڭ سۈپەتلىك تۈگكەن تۇغقانلار گۇرۇپپىسى مۇكاپاتلاندى.ھەممەيلەن بىرلىكتە ئۆزلىرى تۈگكەن تۈگۈرگە ئېغىز تەگكەچ، تۇرمۇش، خىزمەت توغرىسىدا كەڭ –كۇشادە پىكىر ئالماشتۇردى.


شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى پارتىيە ياچېيكا شۈجىسى ئالىمجان ھاشىم مۇنداق دېدى: بايرامنى تۇققانلار بىلەن بىرلىكتە كۈتىۋالغانلىقىمىزدىن تولىمۇ خوشالمەن، چاغان يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا تۇغقانلار بىلەن بىرلىكتە ئەھمىيەتلىك بىر قېتىملىك ئائىلە يىغىلىشىنى ئۆتكۈزدۇق، تۇغقانلار بىلەن بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز باشقىچە يېقىن بولۇپ كەتتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش بىزدىن باشلانسۇن، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن پارتىيەگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

201902141903376016.jpg

«ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، دوستلۇق» رېشتىنى باغلايدىغان ئائىلە يىغىلىشى تۈسىنى ئالغان چاغانلىق بىرلەشمە پائالىيەتتە كۆپچىلىك تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدى. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

ئەڭ يىڭى يوللانغىنى



ئۈرۈمچى شەھىرى قارلىغاچلىق يۇلى 3-نۇمۇر (ئۈچتاش ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتى بىناسى)

بوغدا دوختۇرخانىسى خاس تېلفۇنى : 12345 40073

نەشىر ھوقۇقى : شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىغا تەۋە

Copyright ©216 Boghda Corporation, All Rights Reserved

新ICP备20000142号

div>